بايلىق تورى يېڭى ئېچىلدى، ئەزا بۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

Google googleدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرشى  

     

    ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتى (ئەسلى نامى ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى )بولسا  كارخانا ۋە كارخانىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ،سودا ئۇچۇر مۇلازىمىتى ،كارخانا باشقۇرۇشتا مەسلەھەت بىرىش ۋە تەربىيلەش ،ئىختىساسلىقلارنى تۇنۇشتۇرۇش ،ئىنتىرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلق كەسىپلەر بىلەن

    شۇغۇللۇندىغان شىركەت بۇلۇپ ،ھازىر شىركەت تەرەققىيات ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىلمى بولغان

    ئىختىساسلىقلارنى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوللۇنۇپ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتچى خادىملارنى قۇبۇل

    قىلىدۇ :

    1. تور بەت لايھىلىگۈچى (2نەپەر )

    تەلەپ :

    1.ئەر،22ياشتىن 30ياشقىچە ،ئالى تېخنىكومدىن يۇقرى مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ،

    كومپىيوتۇر ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپنى پۈتتۈرگەن بۇلۇشى كېرەك .

       قاتارلىق تور بەت تىلىنى ۋە سانداننى  بىلىشى كېرەك. SqlServerMySql  PHPASP 2.

    3.كۈچلۈك بولغان ئالاقە ئىقتىدارى ،چۈشۈنۈش ئىقتىدارى ،كوللىكتىپ ھەمكارلىق ئېڭى ،كەسىپنى

    قىزغىن سۈيۈش روھى بۇلۇش كېرەك .

    OfficeAdobe DreamweaverAdobe PhotoshopAdobe Flash 4.

    قاتارلىق يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتەلىشى كېرەك .

    5.ئەخلاقى دۇرۇس ،جاپاغا چىدايدىغان ،ئەستايىدىل ،مەسئۇلىيەتچان ،خىزمەت قىزغىنلىقى

    يۇقۇرى بۇلۇش كېرەك . داۋامى بار ...

  • مەزكۇر يازما ئۇيغار تور بېكىتىنىڭ ئىنگلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە ئەسىرى، قالايمىقان كۆچۈرۈشكە،ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

     
    بۈگۈن يەنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 ئەتراپىدا  شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيسى ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن (Peter A. Diamond)
    پىتىر.ئا.دىئاموند ، (Dale T. Mortensen)دال.ت.مورتېنسېن  ۋە سېپرۇسلۇق  ئىقتىسادشۇناس(Christopher A. Pissarides) كرىستوفىر.ئا.پىسارىدېس
      - لارنىڭ"بازار ئانالىزى،ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئىشسىزلىققا كۆورسىتىدىغان تەسىرى " قاتارلىق تېمىلاردىكى  كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ئۇچۇن 2010-يىللىق نوبىل
    ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
     
    قىسقىچە تەرجىمىھال:
    1. پىتىر.ئا.دىئاموند 

     
    1940-يلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان
    1960يىلى يالى ئۇنىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن ،1963-يىلى 23 ياشلىق پىتىر ماسسا چۇستس تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
    ھازىر  كامبرېج ئۇنىۋېرستېتى ماسسا چۇستس تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىدۇ.
     
    2.دال.ت.مورتېنسېن 
     
      
     
    1939-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان

     ئامېرىكا ئىلىنويس شىتاتى ئېۋانستون غەربىي شىمال ئۇنىۋېرستېتىدا  ئىقتىسا پەنلىرى پروفىسسورى

     

    3. كرىستوفىر.ئا.پىسارىدېس 

    1948-يىلى سېپرۇسنىڭ نىكوسادا تۇغۇلغان.
     
    ھازىر ئەنگلىيە لوندون ئىقتىساد، سىياسەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدا خىزمەتتە.

    ئەسلى مەنبە:http://nobelprize.org/nobel_prizes/economics/laureates/2010/

     


     



  •  

    بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

    ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن


  • ئۇيغۇر تور ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغىرسىدا ...

    مەن كۆپچىلىكنىڭ تور نامى ئىلتىماس قىلغاندا بىردەك ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنىULY ئىشلىتىشنى تەۋىسيە قىلىمەن ،مۇشۇنداق بولغاندە تور نامىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە پايدىلىق .تۆۋەندىكى بولسا ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنىڭ ئېلىپبەسى :

    ULY

     

  •  

    كارخانلارنىڭ ئىناقلىق دەرىجىسى تەكشۈرۈپ باھالىنىۋاتىدۇ

     

    ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەلىۋى ۋە« ئەمگەك قانۇننى»،« ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى كارخانلارغا قارتا، كارخانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئەھۋالى، ئەمگەك توختامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بەلگىلىملىرىنى ئىجراقىلىش ۋە سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئەھۋالى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجراقىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈپ، كارخانلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە قارتا كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش، ئىش ئورنى پاراۋانلىق ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، سېمىنا ئىش ھەققىنى بېرىش، ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەلالىرىنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ باھالاپ چىقىش ئارقىلىق، كارخانلارنىڭ ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى باھالاپ، ھۆكۈمەت يۆلەشنىڭ ئاساسى قىلىپ، كارخانلارنىڭ تىجارەت دائىرسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىپ،  ياخشى ناچارلىرىنى تاللاپ چىقىپ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىللىرىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق،كارخانلارنىڭ ئەمگەك قانۇن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشغا ھەيدەكچىلىك قىلماقچى .

     

  • قاراقاشتا مەتبەئەچىلىكتە روناق تېپىپ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلار ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان دېھقان پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بىر ئايال كارخانىچى بار. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى 19 – ئاھالە كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق گۆھەرنىسا مەتنىياز.

    گۆھەرنىسا مەتنىياز ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىدىن 1988 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆرلەپ ئوقۇيالماي، ئائىلىسىدە بىر مەزگىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، كېيىنچە بېيىش يولى تېپىش مەقسىتىدە زاۋۇت، كارخانا، بازارلارنى كۆزىتىپ قاراقاشتا كىچىكرەك بولسىمۇ بىر يۈرۈشلەشكەن باسما زاۋۇتى يوقلۇقىنى ئۇقتى – دە، باسما زاۋۇتى قۇرۇش نىيىتىگە كەلدى.

    گۆھەرنىسا مەتنىياز بۇ ئويىنى ئېرىگە ئېيتىپ قوللاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ جاۋابىدىنمۇ خاتىرجەم بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ باسما زاۋۇتلىرىغا بېرىپ، مەتبەئەچىلىككە دائىر تېخنىكا ۋە بىلىملەرنى ئۆگەندى. يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 2000 – يىلىنىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە 240 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 668 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە زاۋۇت ئۆيى سالدۇرۇپ، ‹‹ئۈمىد باسما زاۋۇتى››نى قۇرۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىدىن بەشنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆز زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان دەپتەر، خاتىرە، ئىش قەغىزى، جەدۋەل، ئارخىپ خالتىسى قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئۇنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ئىشەنچلىك، باھاسى مۇۋاپىق بولغانلىقتىن تىجارىتى يۈرۈشۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يىلدىن – يىلغا ئاشتى.

  • كارخانىنىڭ ئاساسلىق باج سېلىقى ۋە باج نىسبىتى

    ئادەتتە، كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان باج كارخانىلارنىڭ ئقتىسادىي خاراكتېرى ۋە تىجارەت كەسىپلىرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. 
             
    قۇشۇلما قىممەت بېجى: ئىشلەپچىقرىش، سېتىش، رېمۇنىت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئادەتتە قۇشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدۇ. قۇشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى ۋە كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. 
            
    ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى: سانائەت يىللىق كىرىمى بىر مىليون يۈەنگە ياكى سودا يىللىق كىرىمى بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان كارخانىلار ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى (چوڭ باج تاپشۇرغۇچى) قىلىپ بېكىتىلىدۇ.