![]() |
![]() |
-
2009-يىلى،جۇڭگونىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئاشامدۇ؟ - [ئىقتىسادى ئۇچۇر،خەۋەرلەر]2009-04-03
2008- قارمۇز ئاپىتى،قالايمىقانچىلىق(تىبەتلەر توپلىڭى)،يەرتەۋرەش،يېمەكلىك بىخەتەرلىك كىرزىسى ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،2009-يىلغا كىرىپ كەلگەن جۇڭگو قارىماققا يەنىلا تىنچ ئەمەستەك قىلىدۇ.ھەرخىل ئالامەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى،بۇ يىل يەنىلا چاتاق تولا بىر يىل بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىسىگە كۆرىنەرلىك يامرىدى.جۇڭگو مالىيەشۇناسلىرى ۋە قىسمەن ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇلتۇر10-ئايدىكى جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا بىلەن"بىر يولدا ئەمەس"،ئۆزىنىڭ خاس تەرەقىياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ دېگەن ئۈمۈدۋار كەيپىياتى 11-ئايدىكى ماكرو ئىقتىسادىي سان-سېفىرلار تەرىپىدىن يوق قىلىندى.
گۇاڭدوڭ،جېجىياڭدىكى ئېكىسپوتنى ئاساس قىلىدىغان كارخانىلار يېقىندا خەلقئارالىق مال زاكاس مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كېتىپ بارغانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلدى،كۆپلىگەن زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشى ۋە تاقىلىشى نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشسىز قالدۇردى.2008-يىلدىكى بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگودىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان 130مىليون دېھقان ئىشلەمچىدىن78مىليونى يۇرتىغا بالدۇر قايتىپ كەتكەن.ئاتالمىش"مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىش"بىلەن ئىشسىزلىق ئوخشاش گەپ،ئۇلار يۇرتىغا بېرىپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئارام ئېلىپ تۇرىدۇ،لېكىن بۇ يىل چاغان ئۆتۈپ كەتسە ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت،2009-يىلى يەنە نەچچە مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى.سىتاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە،2008-يىلى شەھەر بازارلارنىڭ ئەمەلىي ئىشسىزلىق نىسبىتى9.4%كە،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى12%كە يەتكەن.يەنە بىر تەرەپتىن،2009-يىلى دەل"خاتىرە كۈنلەر توپلاشقان"بىر يىل.دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ60يىللىقى،تىبەتلەر توپلىڭى ۋە دالاي لامانىڭ شىزاڭدىن چىققىنىغا50يىل،تىيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ20-يىللىقى،4-ماي ھەركىتىنىڭ 90يىللىقى قاتارلىق ھەر خىل "خاتىرە كۈنلەر"ئىقتىسادىي تەرەققىيات كەلگۈسى غۇۋا بولىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۈستى ئۈستىگە توپلىشىپ كەلدى،بۇلار ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.سىنگاپوردۆلەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ يوڭنىيەن 2009-يىللىق جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا:"كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇ خاتىرلەش كۈنلىرى ئەمەس،بەلكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى تەسىرىنىڭ بۇ خاتىرلەش كۈنلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئاشۇرىۋېتىشى"دېگەن.ئەمەلىيەتتە2008-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ،بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ،جۇڭگونىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ساقچى بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدا ئېغىر توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق قالايمىقانچىلىقى ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى.ئەڭ گەۋدىلىكى،ۋېڭئەن(瓮安)،مېڭ لىيەن(孟连)،لوڭنەن(陇南)ۋەقەلىرىدۇر.
كىشىنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغايدىغىنى2008-يىلى11-ئايدىكى چوڭچىڭ شەھىرىدىكى8000تاكسى شوپۇرىنىڭ كوللىكتىپ كىرا قىلىشنى توختىپ نارازىلىق بىلدۈرىشى،ئارقىدىنلا خۇبېينىڭ جىڭجوۋ(荆州)،خەينەننىڭ سەنيا(三亚)،گەنسۇنىڭ يوڭدېڭ(永登)،گۇاڭدوڭنىڭ شەنتۇ(汕头)،فۇشەن(佛山)،چاۋجوۋ(潮州)قاتارلىق شەھەرلىرىدە كىرا تاشلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بەردى.تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبى كىرا ماشىنسى شېركىتىنىڭ تۇتۇپ قالىدىغان پۇلى كۆپ،باشقۇرۇش تۈزىمىدە مەسىلە بار،"قارا ماشىنا"لار(پىراۋىسىز ماشىنا) كۆپىيىپ كەتكەن ئىكەن.چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مۇئاشىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىدىن نارازى بولۇپ كەڭ كۆلەمدە دەرس تاشلىغان.جۇڭگونىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر ۋە ئىجتىمائىي ھەركەتلەرنى ئۇزۇن بېرى كۆزۈتۈپ كېلىۋاتقان جۇڭگولۇق ئوبزورچى جىياڭ جاۋيوڭ(蒋兆勇)نىڭ قارىشىچە،يېقىندىن بېرى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى،ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ تەكشىسىزلىكى،ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىق،خەلىق نارازىلىقىنىڭ ئېشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەر تەرەقىي قىلىپ سىياسىي خەۋپ-خەتەرگە ئايلىنامدۇ؟جىياڭ جاۋيوڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:" جۇڭگودىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى،بۇرۇن يەككە ھالدىكى مەنپەئەت توقۇنىشى ئىدى، ھازىر كەسپىي خاراكتېردە بولۇپ ئاممىۋىي سىياسىي مەنپەئەت توقۇنىشىغا چېتىلىدۇ.كىرا ماشىنىسى مەسىلىسى مەملىكەت دائىرىلىك،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىشى كەسپىي دائىرىدە.
كىچىك دائىرىدە دېھقانلار بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ توقۇنىشى،ساقچىلار بىلەن ئاممىنىڭ توقۇنىشى قانداق بولۇپ چوڭ كۆلەمدىكى قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.2007-يىلىلا،جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيە مەكتىپى"بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوقلارنىڭ توپلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشى"توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.تەتقىقاتچىلار ئەسلىدە ئاز بىر قىسىملار بىلەن چېتىشلىقى بولغان توقۇنۇش،ئەتراپتا قاراپ تۇرغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ ھەتتا ۋەقەگە بىۋاستە كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.يېقىندا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالىمى جىيەن روڭزې(建嵘则)"تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئاممىۋىي نارازىلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى"قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.جىياڭ جاۋيوڭ ئوبرازلىق قىلىپ"ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى شۇڭا چوقان كۆتۈردى" دېگەن.2009-يىللىق ئىجتىمائىي ۋەزىيەت توغرىسىدا،كۆپ قىسىم كۆزەتكۈچىلەر :ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەر نىسبەتەن چوڭ،ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ كەلگۈسى ئېنىق بولماسلىقى ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەرنىڭ يۇقىرىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى،جۇڭگوكومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلىقى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە ئىدى،ھازىر ئۆزگىرىپ جۇڭگو ئېنتېرنىت تورى ۋە بى رەسىمىي سورۇنلاردا دائىم مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولۇندى دەپ كۆرسەتكەن.
شىياڭگاڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى،جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى لىن خېلى(林和立)زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساس قىلغان،ئەگەر بۇيىل ئىقتىسادنىڭ 8%ئېشىشىنى ساقلاپ قالسا،25مىليون يېڭىدىن ئىش ئورنى كۆپەيتەلىسە،جەمئىيەتتە چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دېدى.ئۇنىڭ قارىشىچە،"8% ئېشىشنى ساقلاپ قېلىش"نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ يوق،ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتكىلى بولامدۇ يوق بۇلارنىڭ ھەممىسى نەمالۇم.كۆزەتكۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ:2008-يىلنىڭ كېيىكى يېرىم يىلىدا ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر كۆپەيدى ھەمدە2009-يىلنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋېتىشىدىن،جۇڭگو مەملىكەت خاركتېرلىك مۇقىمسىزلىق خەۋپ-خەتىرى ۋە سىياسىي كىرزىسكە دۇچ كېلىدۇ دەپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ دېگەن.جېڭ يوڭنىيەن(郑永年)نىڭ قارىشىچە،2009-يىلى جۇڭگو سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ كىرزىسنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەن.ئۇ ئەسكەرتىپ،جۇڭگو ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى خېلى تېز بولۇپ،20بۇرۇنقىغا،90يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ،كىرزىسكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بايلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى دېگەن.ئۇ 2008-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن يەرتەۋرەش،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى،ئولىمپىك ئېلىپ كەلگەن خەلقئارا بېسىم قاتارلىق كىرزىسلەر ئاز بولۇنمىدى،ئاخىرقى ھېسابتا بۇيىل تىنىچ بىر يىل بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.جېڭ يوڭنەن:"جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ بارغاندىن بېرى كىرزىسلەر ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرۇلدى،بولۇپمۇ2008-يىلى،ئەمما جۇڭگونىڭ كىرزىسنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى خېلى يۇقىرى،دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن قېلىشمايدۇ"دېدى.نىسبەتەن ئۈمۈدسىز قاراشتىكى جىياڭ جاۋيوڭنىڭ قارىشىچە"تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن"بۇ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەقىياتى،ئېنتېرنت تورى تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن،رايون خاراكتېرلىك قالايمىقانچىلىقنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك بولۇش بولماسلىقىغا كۆزۈتۈپ بېقىشقا توغرا كېلىدىكەن.2009-يىلغا نەزەر سالغاندا،يەرشارى گېزىتى كۆرۈشكەن ئاخباراتچىلارنىڭ قارىشى مۇرەككەپ بولۇپ،ئۇلار ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن،لېكىن سىياسىيغا ۋە تۈزۈمگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تەھلىل يۈرگۈزۈش چەكلىمىگە ئوچرايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئىقتىسادىي ئىسلاھات بىلەن يانداش بولغان سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان ئىشلار دائىرسىدە ئەمەسكەن.لىن خېلى مۇخبىرغا جۇڭگونىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىسلاھات ئەمەس بەلكى مۇقىملىقنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەقىياتنى8% ئېشىشتا ساقلاش،ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان4تىرىلىيون يۈئەنلىك ئىقتىسادنى سىلجىتىش پىلانىدىن پايدىنلىنىپ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرىلىشىنى كۈچەيتىش،ئىش ئورنى كۆپەيتىش ۋە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش دېگەن.يەنە:"مېنىڭچە ئىسلاھات ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قالدى،سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىلا ئەمەس،نىسبەتەن مۆتىدىل بولغان مەمۇرىي ئىسلاھاتمۇ ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولۇندى.بۇلتۇر جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ30يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى،لېكىن يىغىندا ھېچقانداق كونكىرىت،يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنمىدى"دېگەن. يېقىندا"سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىمسىز دۆلەتلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى"تېگەن تېمىدا تەرجىمە ئەسەر يوللىغان ئىدىم.لېكىن بۇ تېمىدا جۇڭگونىڭ دېيىلمىگەن ئىكەن،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ جۇڭگونىڭكىنى بىلىپ باققۇسى بار ئىكەن،لېكىن شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىدىم.شۇڭا بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم.بۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر مۇلاھىزە،كۆرۈپ قويۇشقىلا بولىدۇ.كۆپ بەك چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.يۇقىردا دېيىلگەن ئەسەر بىلەن سېلىشتۇرىۋالسىلا بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ بۇ مۇنبەردە ياكى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغىنىنى بىلمەيمەن،كۆرسەتمە بېرەرسىلەر.









评论
توپ نامى : Uyghur blog communities
توپ نومۇرى : 87307510
توپىمىزدا بىرلا سىز كەم ~!
بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب